پارتىيەن قۇرغۇچىسى نەجمىدىن قارلۇق ھىندىستاندىكى ئېنگلىزچە چىقىدىغان تەسىرى كۈچلۈك «يەكشەنبىلىك مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ستون يازغۇچىسى Abhinandan Mishra نىڭ ئېمايىل زىيارىتنى قوبۇل قىلدى. جاۋاپلار باش بەتتە ئېلان قىلىنىپ، گېزىتنىڭ ئىككىنچى بېتىگە بېسىلدى.
خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنى مۇزاكىرە قىلغاندا ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى تامامەن مۇستەقىل بىر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستاننى ب د ت غا ئەزا بىر مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇش، ۋە پۈتۈن خەلقنى سىياسەتكە قاتنشىشقا سەپەرۋەر قىلىش تەشەببۇسىدىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى سىياسىي پارتىيەسى.
ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ «2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى » غا ئىمزا قويدى. سىز نىمە ئۈچۈن بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم قەدەم دەپ قارايسىز؟
«2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى »، ئامېرىكا ۋە خىتايغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ئىقتىسادى گەۋدىسى ئارىسىدىكى مەسىلە بولغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنىڭ رايون ۋە بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىغانلىقىنى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، يەنە رايون ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىكىگە، دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
سىزچە ھىندىستاننىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشى زۆرۈرمۇ ؟ ئەگەر زۆرۈر بولسا نىمە ئۈچۈن؟
خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتكە كىرىشى، ھىندىستان ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپلا قالماي، ھىندىستاننىڭ دۇنيادىكى دىموكراتىك كۈچلەر قاتارىدا ، دۇنيانىڭ دىموكراتىك قىممەت قارىشىنى ساقلاشقا قاتنىشىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت.
نىمە ئۈچۈن سىز ۋە سىلەرنىڭ پارتىيە بىر مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننى نىشان قىلدىڭلار؟
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئىمزالانغىلى 70 يىلدىن ئاشقان تۇرۇغلۇق ، ب د ت دائىمى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ ئۆزى بېسىۋالغان تىبەت ۋە شەقىي تۈركستاندىكى بىگۇناھ خەلققە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى، دۇنيانىڭ ۋىجدانى ۋە قانۇنى ئادالەت سېستىمىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش ھىسابلىنىدۇ.